پېسكوۋ: غەرب ئۇكرائىناغا ئەسكەر يوللىسا، ناتو-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇقەررەر

رۇسىيە غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتكەن تەقدىردە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو -رۇسىيە ئوتتۇرىسدا توقۇنۇش يۈز بېرىشىىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2108206
پېسكوۋ: غەرب ئۇكرائىناغا ئەسكەر يوللىسا، ناتو-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇقەررەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، پايتەخت موسكۋادا «فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش ئېھتىماللىقىغا سەل قارىماسلىق كېرەكلىكى» توغرىسىدىكى سۆزلىرى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

دىمىترىي پېسكوۋ بۇ ئېھتىماللىقنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىرىشنىڭ مۇھىم ۋە يېڭى بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «بىز فىرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ باياناتىنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى ئاللىبۇرۇن ئاڭلىغان ۋە ئۇنى نەزەرگە ئالغانىدۇق. بىز يەنە ماكروننىڭ رۇسىيەنى ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىمۇ ئوبدان بىلىمىز» دېدى.

ئۇ <غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتكەن تەقدىردە، ناتو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرەمدۇ-يوق؟>  دېگەن سوئالغا: «بۇنداق ئەھۋالدا مۇمكىنچىلىكتىن ئەمەس، بەلكى مۇقەررەرلىكتىن ئېغىز ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇنىڭغا مۇشۇنداق قارايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان پېسكوۋ: «ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە، ئەڭ مۇھىمى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى سورىشى كېرەك» دېدى.

ماكرون تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان رۇسىيەگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدا بىردەكلىكنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما، بۇ ئېھتىماللىققا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر