تانزانىيەدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 25 كىشى قازا قىلدى

تانزانىيەنىڭ شىمالىدا تۆت ئاپتوموبىلنىڭ سوقۇشۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە، يەتتە نەپەر چەت ئەللىكنى قوشقاندا، جەمئىي 25 كىشى قازا قىلدى.

2107369
تانزانىيەدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 25 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارۇشا-نامانگا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كېتىۋاتقان بىر يۈك ئاپتوموبىلى كونترولدىن چىقىپ كېتىپ، 3 ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇشتى.

تانزانىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھادىسىدە 25 كىشى قازا قىلىپ، 21 كىشى يارىلانغان.

قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا، جەنۇبىي ئافرىقا، كېنىيە، توگو، ماداغاسقار ۋە بۇركىنا فاسو پۇقرالىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.  

ۋەقەگە چېتىشلىق ئاپتوموبىللاردىن بىرىنىڭ پىدائىي ئوقۇتقۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغانلىقى، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ بولسا، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر