ئەنگلىيەنىڭ پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار تۈنۈگۈن (15-فېۋرال) يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن قولتۇقىدا ئەنگلىيەنىڭ «LYCAVITOS» پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2103084
ئەنگلىيەنىڭ پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن قولتۇقىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەنگلىيەنىڭ «LYCAVITOS» ناملىق پاراخوتىغا «مۇۋاپىق دېڭىز باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى» ئاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللاش ئۈچۈن قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەقسەت ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ يەمەنگە قىلغان ھۇجۇملىرغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى. ئەنگلىيەمۇ ھازىرغىچە ھۇجۇم توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خۇسىيلارنىڭ «ئەلمەسىرە» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى ھۇدەيدە شەھىرىگە قاراشلىق ئەل جېببانە رايونىنى ئىككى قېتىم بومباردىمان قىلغان.

«ئەلمەسىرە» قانىلى ھۇجۇم يۈز بەرگەن كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىردە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ھۇدەيدە شەھىرىگە قاراشلىق بەيت ئەل فاكىف رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار 31-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ، يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى، بەزىلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى نۇرغۇن قېتىم يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

نۇرغۇن خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسپورت شىركەتلىرى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنەن %12 ى ئاقدېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر