كانادا قورال ئېمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
كانادا 2020-يىلدىن بۇيان تۈركىيەگە مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى سېتىشنى چەكلەش ئېمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا ھۆكۈمىتى قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىدىغان شىركەتلەرگە قارىتىپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2020-يىلى 16-ئاپرېل تۈركىيەگە بەزى مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن سۇنۇلغان ئىلتىماسلارنى رەت قىلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا: «بۇ سىياسەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى» دېدى.
باياناتتا، تۈركىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئوق-دورا ۋە قورال-ياراغ تىزىملىكلىرى، شۇنداقلا شىركەتلەرنىڭ رۇخسەت ئىلتىماسلىرىنىڭ، كانادانىڭ خەتەرنى باھالاش بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
كانادا ھۆكۈمىتى ئەزەربەيجاننىڭ 2020-يىلى 27-سېنتەبىر ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى زېمىنلارنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن باشلىغان ۋە 44 كۈن داۋاملاشقان ئىككىنچى تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشىدا، ئەزەربەيجاننى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە قارشى قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزگەن ئىدى.