ئامېرىكا يەمەندىكى خۇسىيلارغا يېڭى ھۇجۇمنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قىزىل دېڭىزدا سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى يەمەنلىك خۇسىيلارغا يېڭى ھۇجۇمنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2089567
ئامېرىكا يەمەندىكى خۇسىيلارغا يېڭى ھۇجۇمنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) خۇسىيلارنىڭ تۆت باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراينىڭ باياناتىدا، «خۇسىيلار ھازىزمۇ باشقا تاللاشنى تاللىيالايدۇ. ئامېرىكا خۇسىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ. قىزىل دېڭىزدىكى ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.

 ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە يەمەننىڭ پايتەختى سانئا ۋە ھۇدەيدە بىلەن تەيز شەھەرلىرىدىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىغا زەربە بەرگەن ئىدى.

خۇسىيلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان سودا پاراخوتلىرىغا قاراتقان ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان پاراخوت شىركەتلىرى قىزىل دېڭىزدىكى سەپەرلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەمەندە «خۇسىيلار» دەپ ئاتىلىدىغان ئەنسارۇللاھ تەشكىلاتىنى قىزىل دېڭىزدا يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قايتىدىن چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر