ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلاردىن ئامېرىكاغا تەھدىت

ھۇسىيلارنىڭ سىياسىي بىيۇرو ئەزاسى ئەلى ئەلقاخخۇم ئامېرىكاغا قارشى ئۇرۇشنى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2089197
ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلاردىن ئامېرىكاغا تەھدىت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارنىڭ سىياسىي بىيۇرو ئەزاسى ئەلى ئەلقاخخۇم: «يەمەندىن ئامېرىكالىقلارغا شۇنى دەيمىزكى: يەمەنگە قاراتقان بارلىق ھەرىكەتلىرىڭلار ۋە ھۇجۇملىرىڭلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، ھۇجۇملىرىڭلارغا بارلىق كۈچىمىز بىلەن قارشى تۇرىمىز. يەمەننىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ قالىسلەر ۋە رايوندىن پەسكەشلەرچە چېكىنىسلەر. تەكەببۇرلۇقۇڭلار ۋە يوغانچىلىقىڭلار ئاخىرلىشىدۇ، يەمەننىڭ كۈچىنى كۆرىسىلەر» دېدى.

ئۇ يەمەننىڭ بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكاغا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«يەمەن دۆلىتى، ئارمىيەسى ۋە خەلقى بىلەن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئامېرىكاغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلماقتا. پەلەستىن ۋە ئۈممەتنىڭ بارلىق دەۋالىرى ئۈچۈن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيە ۋەكىللىكىدىكى چوڭ شەيتانغا بىۋاسىتە قارشى تۇرۇش بىر شەرەپ.»

ئۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ «ۋەدە قىلىنغان پەتھى ۋە جىھاد» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى ھەپتە يەمەنگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ يەمەنگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى ۋە بولمايدۇ. بۇ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھۇجۇم ۋە جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان نىشانلار ئىلگىرى بومباردىمان قىلىنغان رايونلاردا ئىدى، بۇ ھېچقانداق يېڭىلىق ئەمەس. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن يەمەنگە قارشى جەڭ ئېلان قىلدى، شۇڭا ئۇلارغا چوقۇم يەمەننىڭ يەمەننىڭ ھۇجۇملىرىغا چىدېشى كېرەك. تېررورىست ئامېرىكادۇر، بۇ ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتى. بۇ بىر ئۇرۇش ۋە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇلار ھۇجۇم قىلغانلىقىغا چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ ۋە ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. يەمەن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ خەلقى، دۆلىتى، ئارمىيەسى، رەھبەرلىكى، كۈچى ۋە ھەربىي ئىقتىدارى بىلەن ئۇلۇغدۇر.»

ئۇ ئاخىرىدا، ئامېرىكاغا قارشى غەلىبە قىلغىچە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، دۈشمەنلىرىگە بېرىدىغان جاۋابنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ۋە قاخشاتقۇچ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋابەن 31-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرىنىڭ سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلماقتا. بەزىلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلماقا.

ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرى نۇرغۇن قېتىم يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قويۇپ بېرىلگەن ئۇچقۇلارنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيادىكى نۇرغۇن دېڭىز تىرانسىپورت شىركەتلىرى ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزدىكى قاتنىشىنى توختاتتى. قىزىل دېڭىزنى ئاقدېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنەن %12 ى قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر