ھۇسىيلار ئامېرىكا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانلىقى يەمەندىكى ھۇسىيلار قويۇپ بەرگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئامېرىكانىڭ كونتېينېر پاراخوتى گە تەگكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2089159
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «سەنئا (سانا) ۋاقتى سائەت 16:00 ئەتراپىدا، ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىي قوراللىقلىرى يەمەندىكى ئۆزلىرى كونترول قىلىۋاتقان رايوندىن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، ئامېرىكانىڭ مارشال تاقىم ئاراللىرى بايرىقى قادالغان كونتېينېر پاراخوتى <گىبرالتار بۈركۈتى>غا پاراكەندىچىلىك سالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.