چىلى پىرېزىدېنتى: «غەززە 1945-يىلىدىكى (گېرمانىيەنىڭ پايتەختى) بېرلىندىنمۇ بەتتەر ۋەزىيەتتە»

چىلى پىرېزىدېنتى گابرىئېل بورىج ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختىلىپ: «غەززە 1945-يىلىدىكى (گېرمانىيەنىڭ پايتەختى) بېرلىندىنمۇ بەتتەر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا» دېدى.

2088768
چىلى پىرېزىدېنتى: «غەززە 1945-يىلىدىكى (گېرمانىيەنىڭ پايتەختى) بېرلىندىنمۇ بەتتەر ۋەزىيەتتە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىۋاتېمالا پىرېزىدېنتى بېرناردو ئارېۋالونىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گۋاتېمالاغا يېتىپ كەلگەن چىلى پىرېزىدېنتى گابرىئېل بورىج مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلدى.

بورىج غەززەدە «دەرھال» ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «غەززە 1945-يىلىدىكى بېرلىندىنمۇ ناچار ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋەيران بولدى، 1.5 مىليون كىشىنىڭ ئۇخلايدىغان يېرى يوق، يېمەك-ئىچمىكىمۇ تۈگىدى» دېدى.

بورىج دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «غەززەدە ھەر كۈنى 200 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلماقتا. بۇ قىرغىنچىلىقنى ئەمدى توختىتىش كېرەك. ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش سىياسىي دىيالوگ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۆزئارا چېگرالارنى ئاساس قىلغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بۇ مەسىلىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ» دېدى.  

چىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزى سۇنغان جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆزلىرىگە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلەرنى چوقۇم ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چىلى پىرېزىدېنتى بورىج 2023-يىلى 1 - نويابىردا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مەسلىھەت ئۈچۈن قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

ئەرەب جۇغراپىيەسىنىڭ سىرتىدا تەخمىنەن 500 مىڭ پەلەستىنلىككە، يەنى ئەڭ چوڭ پەلەستىن جامائىتىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان چىلى، 2011-يىلى پەلەستىننى «ئەركىن، مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر