پاكىستان، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا

پاكىستان، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان يېڭى مۇداپىئە تېخنولوگىيەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

2086824
پاكىستان، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە، پاكىستان، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى مۇداپىئە سانائىتىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈچ دۆلەت ھەربىي ۋەكىللىرىنىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۈچ تەرەپ مۇداپىئە ھەمكارلىقى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، مۇداپىئە تېخنولوگىيەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

يىغىندا، ۋەكىللەر «يېڭى تېخنىكا، مالىيە ۋە ئىختىساسلىق خادىملارنى بىر يەرگە يىغىش» نىڭ ئەھمىيىتىنى، «ئورتاق نىشانغا يېتىش» ھەمدە «مۇداپىئە ساھەسىدە مۇستەقىل» بولۇش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۈچ دۆلەتنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى ئالدىمىزدىكى ئاي (2024-يىلى فېۋرال) سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسىگە توغرىلانغان ھالدا ئېچىلىدۇ. تۇنجى قېتىملىق يىغىن ئاۋغۇست (2023) تا رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر