«تىتانىك» تىن تېپىلغان ئالتۇن سائەت 900 مىڭ فوندستېرلىڭغا سېتىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى مۇز تاغقا سوقۇلغاندىن كېيىن چۆكۈپ كەتكەن تىللاردا داستان بولغان «تىتانىك» پاراخوتىدا ساياھەت قىلغان ئەڭ باي يولۇچىلاردىن بىرسىنىڭ ئالتۇن يانچۇق سائىتى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا سۇنۇلدى.

2133119
«تىتانىك» تىن تېپىلغان ئالتۇن سائەت 900 مىڭ فوندستېرلىڭغا سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتا ئالتۇن سائەت 900 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 37 مىليون تۈركىيە لىراسى) غا سېتىلدى.

سودا - سانائەتچى جون جاكوب ئاستورنىڭ بولغان بۇ سائەت ئەنگلىيەنىڭ ۋىلتشىرشەھىرىدىكى كىمئارتۇق سېتىشتا، مۆلچەردىكىدىن 6 ھەسسە يۇقىرى باھاغا سېتىلدى.

باج ۋە قوشۇمچە بەدەللەرنى قوشقاندا، سېتىۋالغۇچى بۇ سائەت ئۈچۈن 1 مىليون 175 مىڭ فوندستېرلىڭ تۆلەيدۇ. كىمئارتۇق سودا مەركىزى بۇنىڭغا «دۇنيا رېكورتى» دەپ باھا بەردى.

1912 - يىلى 14 - ئاپرېلدا چۆكۈپ كەتكەن تىتانىك پاراخوتىدىكى 2224 يولۇچىدىن پەقەت 710  كىشىلا ھايات قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر