ياپونىيەدە يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

ياپونىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىشىكاۋا ئىشتاتى ۋە نوتو يېرىم ئارىلى قىرغاقلىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 161 گە چىقتى.

2085560
ياپونىيەدە يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «NHK» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىشىكاۋا ئىشتاتىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ ئاينىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئاپەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 161 كە چىققانلىقى، 103 كىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسى 1-2-3- 4-يانۋار كۈنلىرى ئىشىكاۋانىڭ نوتو يېرىم ئارىلى ۋە قىرغاقلىرىدا، تۆت بالدىن يەتتە بالغىچە بولغان يەر تەۋرەشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر