ياپونىيەدىكى  يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 110 غا يەتتى

ياپونىيەنىڭ ئىشىكاۋا ئۆلكىسى ۋە نوتو يېرىم ئارىلىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 110 غا يەتتى.

2085068
ياپونىيەدىكى  يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 110 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <NHK> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆلكە مەسئۇللىرى رايوندىكى يەر تەۋرەشتە 110 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئانامىزۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە، كەم دېگەندە 10 كىشى شەھەر ئىچىدە، 170 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلكىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا قاپسىلىپ قالغان.

ئۆلكىدىكى تارقاقلاشتۇرۇش مەركەزلىرىگە ھازىر 31 مىڭ كىشىنىڭ سىغىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسالانغاندا، 1 - ، 2- ، 3- ۋە 4-يانۋار كۈنلىرى ئىشىكاۋانىڭ  نوتو يېرىم ئارىلى ۋە دېڭىز قىرغىقىدا 4 بالدىن 7  بالغىچە  يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر