ئامېرىكا ئىراندىكى ھۇجۇملار بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ كېرمان ئۆلكىسىدە يۈز بېرىپ، 95 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى ۋە 211 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

2084106
ئامېرىكا ئىراندىكى ھۇجۇملار بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكا ھەر قانداق شەكىلدە بۇ ئىشقا ئارىلاشمىدى، ئەكسىچە قاراشلار كۈلكىلىك. ئىككىنچىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ پارتلاشلار بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىغا ئىشىنىشكە ئاساسىمىز يوق» دېدى ۋە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن ئىراننىڭ كېرمان ئۆلكىسىدە ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ سابىق قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنىڭ قەبرىسىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئىككى ئايرىم تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 95 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر