پەلەستىنلىك كىچىك قىز: «بىز يېڭى يىلغا <ئۆلۈملەر ۋە يارلىنىشلار> بىلەن كىرىۋاتىمىز»

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 – ئۆكتەبىردىن بېرى غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرىۋاتقان ۋەھشىلەرچە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن، پەلەستىنلىك كىچىك قىز يېڭى يىلغا «ئۆلۈملەر ۋە يارلىنىشلار» بىلەن كىرىۋاتقانلىقىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

2082705
پەلەستىنلىك كىچىك قىز: «بىز يېڭى يىلغا <ئۆلۈملەر ۋە يارلىنىشلار> بىلەن كىرىۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن سىندا، كىچىك پەلەستىنلىك قىز غەززەدىن دۇنياغا خىتاب قىلىپ: «يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، پۈتۈن دۇنيا يېڭى يىلنى تەبرىكلەۋاتىدۇ» دېگەن جۈملە بىلەن سۆزىنى باشلىدى.

«بىز يېڭى يىلنى ئۆلۈملەر، يارلىنىشلار ۋە بومباردىمانلار بىلەن تەبرىكلەۋاتىمىز» دېگەن پەلەستىنلىك قىز غەززەنىڭ خان يۇنۇس رايونىدا ۋەزىيەتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.  

پەلەستىنلىك قىز ئۆزلىرىگە يېقىن بىر ئۆينىڭ سەللا ئىلگىرى بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، يېڭى يىلدا ئۇرۇشنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززىن ئەلقاسىم بىرىگادىسى7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس قىممەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا ئاياغ ئاستى قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ غەززەنى ۋەھشىلەرچە بومباردىمان قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە 7-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدا 1200 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 5132 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 9100 كىچىك بالا ۋە 6500 ئايالنى قوشقاندا 21 مىڭ 800 دىن ئارتۇق پەلەستىن پۇقراسى ئۆلتۈرۈلدى. 56 مىڭ 400 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلاندى. يەنە مىڭلىغان قازا قىلغانلارنىڭ بىنا خارابىلىكلىرى ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىسرائىلىيە پەلەستىن خەلقى پاناھلانغان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورگانلىرىنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىپ،  پۇقرالارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر