پۇتىن ئەردوغان تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن موسكۋا بىلەن ئەنقەرەنىڭ كېلەر يىلىمۇ ئىككى تەرەپلىك سىياسىي سۆھبەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2082419
پۇتىن ئەردوغان تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تېلېگرامما يوللاپ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ  يېڭى يىلى تەبرىكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىغان پۇتىن، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پۇتىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق زور ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى شۇنداقلا رايونلۇق توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشقا تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پۇتىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «كېلەر يىلى موسكۋا بىلەن ئەنقەرە ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ساھەلەردە دوستانە ئەللەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان مول نەتىجىلىك ھەمكارلىق ۋە ئىككى تەرەپلىك سىياسىي سۆھبەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر