رۇسىيە 2024 – يىلى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى دائىرىسىدە ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوللاش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2081308
رۇسىيە 2024 – يىلى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى-كرېمىلنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ ساينىت پېتىرسبۇرگ شەھىرىدە غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن.

پۇتىن بۇ يەردىكى سۆزىدە، 2024-يىلى رۇسىيەنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيەنىڭ پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەخمىنەن 150 ماددىدىن تەركىب تاپقان پىلان تەييارلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋلادىمىر پۇتىن: «ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوللاش، تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش، تەشكىللىك جىنايەت، زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەش خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

پۇتىن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسگە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇلتۇر دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى مۇقىم ھالدا ئاشتى. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى 10 ئاي ئىچىدە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا سودا مىقدارى %2 يۇقىرى ئۆرلەپ 83 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتتى. سودىدا دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك پۇلىنى ئىشلىتىشكە ئۆتۈشى ئۈچۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسگە ئەزا شېرىكلىرىمىز بىلەن خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنىڭ دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇستەقىللىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

پۇتىن مەدەنىيەت ساھەسىدىمۇ تەرەققىي قىلغان مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختىلىپ: «رۇسىيە رەئىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە، بىز خەلقلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىلەرنى ساقلاپ قېلىش ۋە كۈچەيتىشنى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ، دوستلۇق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپىمىز دەپ قارايمىز. بۇ دائىرىدە ئىمكانقەدەر يېقىندىن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر