شىمالىي كورېيە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيە قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى ياپونىيە دېڭىزى (شەرقىي دېڭىز) تەرەپكە قويۇپ بەرگەن.

2077700
شىمالىي كورېيە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ ياپونىيە دېڭىزىغا قويۇپ بەرگەن قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 73 مىنۇت ئۇچقان ۋە شىمالدىكى خوككايدو دېڭىزى تەۋەلىكىگە چۈشكەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپونىيە دۆلەتلىك ئالاھىدە رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئۇل- ئەسلىھە ۋە قاتناش مىنىستىرلىقى رايوندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھاۋا ۋە دېڭىز ئەسلىھەلىرىگە ھېچقانداق زىيان يەتمىگەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:24 ئۆتكەندە شەرق تەرەپكە قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 1000 كىلومېتىر مۇساپىنى باسقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ئارمىيەمىز تەييارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى، سانلىق مەلۇماتلارنى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىلەن ئورتاقلاشتى، پۈتۈن تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا» دېيىلدى.

ياپونىيەنىڭ رەسمىي ئاگېنتلىقى كيودونىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا، جەنۇىي كورېيە ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، بۇ قېتىمقكى سىناق بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە بەش قېتىم قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىمالىي كورېيە تۈنۈگۈنمۇ شۇ يەر ۋاقتى 22:37 دە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان بولۇپ، 50 كىلومىتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىلىغا چۈشكەن ئىدى. جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابى تۈنۈگۈن كەچتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قىسقا مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر