ئامېرىكا: قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوتلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشى  خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھۇسىيلارنىڭ يەمەن دېڭىز ساھىللىرىدىكى پاراخوتلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2076094
ئامېرىكا: قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوتلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشى  خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پات رايدېر، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا،  قىزىل دېڭىزنىڭ يەمەن ساھىللىرىدا نورۋېگىيە بايرىقى ئاستىدىكى بىر نېفىت پاراخوتىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ «مۇقىمسىزلىق» ئامىلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ خەلقئارالىق بىر مەسىلە، شۇڭا بۇ مەسىلىگە خەلقئارالىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. دەرۋەقە، ھۇسىيلارنىڭ يەمەن دېڭىز ساھىللىرىدىكى پاراخوتلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپتۇر.»

«بىز قىزىل دېڭىزنىڭ ۋەزىيىتىگە داۋاملىق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز.»

يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار تۈنۈگۈن ئاگاھلاندۇرۇشقا جاۋاب قايتۇرمىغان ۋە ئىسرائىلىيەگە قاراپ كېتىۋاتقان نورۋېگىيەنىڭ بىر نېفىت پاراخوتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئەنگىلىيە دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى قىزىل دېڭىزدا ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بىر پاراخوت ۋە بۇ پاراخوت خادىملىرىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر