غەززەدە قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى ئاشماقتا
غەززە رايونىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىلىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى17 مىڭ 997 گە يەتتى.
2074794
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان قىلىنغان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 17 مىڭ 997 گە كۆپەيگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كىچك بالىلار ۋە ئاياللار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.