بايدىن: پۇقرالارنى ھاماس ئەزالىرىدىن ئايرىش ۋە ئۇلارنى قوغداش بىر زۆرۈرىيەت

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن غەززەدىكى ئۇرۇش رايونلىرىدا قېپقالغان پۇقرالارنى ھاماس ئەزالىرىدىن ئايرىش ۋە ئۇلارنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2074103
بايدىن: پۇقرالارنى ھاماس ئەزالىرىدىن ئايرىش ۋە ئۇلارنى قوغداش بىر زۆرۈرىيەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا جىمجىت قاراپ تۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، غەززە ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت جو بايدىن ئامېرىكانىڭ ئىسىرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ، غەززەدىكى ئەسىرلەرنىڭ ئەھۋالىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ خەلقئارا قىزىل كىرېست تەشكىلاتىغا ئەسىرلەرنى ھاماسنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەسىرلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ھاماسنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 ئۇ يەنە، غەززەدىكى ئۇرۇش رايونلىرىدا قېپقالغانپۇقرالارنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى، پۇقرالار بىلەن ھاماس ئەزالىرىنى ئايرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ غەززەگە تېخىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ رايوننى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى قارارىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنىۋاتقان زوراۋانلىقلاردىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، رايوندا مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا، 17 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر