بېلگىيەدە تۆمۈر يول ئىشچىلىرى ئىككى كۈنلۈك ئىش تاشلىدى

بېلگىيەدە تۆمۈر يول ئىشچىلىرى ئىش ھەققى ۋە خىزمەت شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئىككى كۈنلۈك ئىش تاشلاشنى باشلىدى.

2073213
بېلگىيەدە تۆمۈر يول ئىشچىلىرى ئىككى كۈنلۈك ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە دۆلەت تۆمۈر يولى  ئىدارىسى (SNCB) نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 48 سائەتلىك ئىش تاشلاشنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 22:00 دە باشلانغانلىقى ۋە 7 - دېكابىردا ئوخشاش ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىش تاشلاشقا قاتناشقان ئىشچىلار ئويۇشمىسى ئۆز مەقسىتىنىڭ بېلگىيە دۆلەت تۆمۈر يولى  ئىدارىسىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە، ئىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش ۋە پويىز تەكشۈرۈشتە مۇلازىمەتتىن بۇرۇن بېرىلگەن تەييارلىق ۋاقتىنى يېرىمغا چۈشۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن مەملىكەت مىقياسىدا قاتناش كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاقساپ قالدى.

تۆمۈر يول ئىشچىلىرى ئىلگىرىمۇ 7- - نويابىردىن 9 - نويابىرغىچە ئىش تاشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر