دېڭىز قاراقچىلىرى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئىران پاراخوتىنى بۇلاپ قاچتى

دېڭىز قاراقچىلىرى سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدە يېقىنقى بىر ھەپىتىدىن بۇيان ئىراننىڭ ئىككىنچى پاراخوتىنى بۇلاپ قاچتى.

2071396
دېڭىز قاراقچىلىرى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئىران پاراخوتىنى بۇلاپ قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ كاندالا رايونى رەئىسى ئەھمەد يۈسۈپ خۇرشې پۇتلاند ئۆلكىسى دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدا ئىران بايرىقى ئېسىلغان بىر پاراخوتنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خۇرشې پاراخوتنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، پاراخوت خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ چەت ئەللىكلەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى سومالىنىڭ پۇتلاند رايونى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىران بايرىقى ئېسىلغان بىر پاراخوتنى سومالىلىق ۋە ئىرانلىقلىقلاردىن تەركىب تاپقان 16 كىشىلىك پاراخوت خادىمى بىلەن بىرلىكتە بۇلاپ كەتكەن دېڭىز قاراقچىلىرى، پاراخوت خادىملىرىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن 400 مىڭ دوللار تۆلەم تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر