بايدىن نېتانياھۇ ۋە سىسى بىلەن تېلېفونلاشتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا غەززەنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تىنچلىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
بايدىن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، مىسىرنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتقان.
پىرېزىدېنت بايدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززە ياكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن مەجبۇرىي چىقىرىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان، ھەمدە غەززەنىڭ قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنىشى ياكى غەززە چېگراسىنى قايتىدىن سىزىشقا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.
ئىككى رەھبەر يەنە، غەززەنى تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.