ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى دوختۇرخانىلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى خاگارى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختالدى.

2064723
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى دوختۇرخانىلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى دانىئېل خاگارى «ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان ئىززۇددىن قەسسام بىرىگادىسىنىڭ غەززە دوختۇرخانىلىرىنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلەتكەنلىكى»نى، شۇڭا «بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ خەلقئارالىق قوغداش سالاھىيىتىنى يوقىتىشىنىڭ مۇمكىنلىكى»نى ئىلگىرى سۈردى.

قەسسام بىرىگادىسىنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلارنى ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خاگارى، شۇڭا رايوندىكى دوختۇرخانىلارنىڭ «خەلقئارا قانۇندىكى ئالاھىدە قوغداش سالاھىيىتىنى يوقىتىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

خاگارىنىڭ بۇ باياناتىغا <7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ھۇجۇملار جەريانىدا غەززەدە بومباردىمان قىلغان دوختۇرخانىلارنىڭ خەلقئارا قوغداش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش> دەپ باھا بېرىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۆتكەن ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى جەريانىدا، غەززەدىكى 35 دوختۇرخانىنىڭ 22 سىنى زەربە ئوبيېكتى قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە تانكىلىرى بىلەن ھەربىي قىسىملىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنى قامال قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر