ۋلادىمىر پۇتىن سىسى بىلەن غەززە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل فاتتاھ سىسى بىلەن غەززە رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلدى.

2064507
ۋلادىمىر پۇتىن سىسى بىلەن غەززە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پۇتىن بىلەن سىسى تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىسرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشى ۋە رايونىنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفۇن سۆھبىتىدە، ھەر ئىككى تەرەپتىن «مىڭلىغان بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىسلىسىز خەلق تالاپىتىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

سۆھبەتتە، «قان تۆكۈشنى بالدۇرراق توختىتىش، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە غەززەدىكى پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش كېرەكلىكى، رۇسىيە بىلەن مىسىرنىڭمۇ خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچ ۋە بىخەتەر ياشايدىغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش يولى ئارقىلىق رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىش پوزىتسىيەسى بارلىقى» تەكىتلەندى.

پۇتىن مىسىر پىرېزىدېنتى سىسىغا رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ غەززە رايونىدىن تارقاقلاشتۇرۇلۇشى جەريانىدا مىسىرنىڭ قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

 


خەتكۈچ: #سىسى , #غەززە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر