ھاماس: ۋاشىنگتون ئىسرائىلىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىرغىنچىلىق قىلىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ ياقتى

ھاماس، ئامېرىكانىڭ توغرىسىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى تەكرارلاش ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە تېخىمۇ كۆپ قىرغىنچىلىق قىلىش ئۈچۈن، يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

2064815
ھاماس: ۋاشىنگتون ئىسرائىلىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىرغىنچىلىق قىلىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ ياقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس، ئامېرىكانىڭ <ھاماسنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى> توغرىسىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى تەكرارلىشىنىڭ، ۋاشىنگىتوننىڭ ئىشغالىيەتچى قىسىملارغا تېخىمۇ كۆپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھاماس بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ <غەززەدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ھاماس تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى> توغرىسىدىكى ئىسرائىلىيەنىىڭ ئەيىبلەشلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى ئەيبىلىدى.

ھاماسنىڭ دوختۇرخانىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان باياناتىدا: «پېنتاگون (ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) ۋە ئاقساراينىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلار توغرىسىدىكى باياناتى (ئۇلارنى ھاماسنىڭ ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋاسى)، ئامېرىكانىڭ ئىشغالىيەتچى كۈچلەرگە تېخىمۇ كۆپ قىرغىنچىلىق قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش، غەززەدىكى دوختۇرخانىلاردا رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېقىلغان يېشىل چىراغدۇر.

ئىشغالچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ غەززەدىكى كوللېكتىپ قىرغىنچىلىقنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارى بولغان ۋاشىنگتوننىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىشغالچىلارنىڭ يالغان ھېكايىلىرىنى توغرىلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كومىسسىيون  تەشكىللەپ، بارلىق دوختۇرخانىلارنى زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدىكى چاقىرىقىمىزنى قايتا تەكرارلايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربىي تۈنۈگۈن ئاخباراتقا بايانات بېرىپ، ھاماسنىڭ غەززەدىكى بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ ئاستىدىكى «تونېللار»دىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى «يوشۇرۇنۇش، ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە ئەسىرلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن» ئىشلىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىستىخبارات تاپشۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر