ھاماس: ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە جو بايدىن ۋە ھۆكۈمىتى جاۋابكار

پەلەستىن ئىسلامى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا سادىر قىلغان «قىرغىنچىلىق» جىنايىتىگە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2060358
ھاماس: ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە جو بايدىن ۋە ھۆكۈمىتى جاۋابكار

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكادا ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن غەززەنىڭ شىمالىدىكى سافتاۋى رايونىدا پۇقرالار پاناھلانغان ئوساما بىن زەيد مەكتىپىنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن يەنە غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى جابالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا ئۆي ماكانىدىن ئايرىلغان مىڭلىغان پەلەستىنلىك تۇرۇشلۇق ئەل-فاھۇرا مەكتىپىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۆي -  ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار تۇرۇشلۇق ئەل-فاھۇرا مەكتىپىدە قىلىنغان ئىسرائىلىيە قىرغىنچىلىقلىرىغا جاۋابكاردۇر. جىنايەتچى، ئىشغالىيەتچى (ئىسرائىلىيە) ھۆكۈمىتى بۇ ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقىنى بىۋاسىتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ باردى» دېيىلدى.

ھاماسنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ئۇرۇش جىنايىتىنى بىۋاسىتە يوشۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا ئۆي ماكانىدىن ئايرىلغان مىلغان پەلەستىنلىك تۇرۇشلۇق ئەل-فاھۇرا مەكتىپىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 15 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىزددىن ئەلقاسسام بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ۋە مەسجىدى ئەقسا قاتارلىق مۇقەددەس جايلارغا ئۈزۈلدۈرمەي دەخلى-تەرۇز قىلىشلىرىغا جاۋابەن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان ۋە  ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ غەززە رايونىنى  ھاۋادىن قاتتىق بومباردىمان قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر