پېنتاگون ئۇرۇش توختىتىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) ھاماسنىڭ «قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشى» گە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلەر سەۋەبىدىن، ئىسىرائىلىيە-ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2059830
پېنتاگون ئۇرۇش توختىتىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېنېرال پات رايدېر (Pat Ryder) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ غەززەدىكى توقۇنۇشلار ئۈستىدە توختىلىپ، «ھاماسنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرىدىغان ۋە ئىسىرائىلىيە پۇقرالىرى بىلەن باشقىلارنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان ئۇرۇش توختىتىشنى قوللىمايمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«مەن پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشنى، تۇتقۇنلار ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىشنى قوللىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىنمۇ كەسىپداشلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، رايوندىكى پەلەستىن پۇقرالىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.»

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان: «ئۇرۇشنى ھەر قانداق شەكىلدە توختىتىش، ھاماسقا پايدىلىق. بۇ بىر ئەمەلىيەت. بۇ يەردە نۇرغۇن مۇرەككەپ ئەھۋاللار بار. ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى. ئەمما، ھاماسنىڭمۇ بۇنىڭدىن پايدىلنىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيەمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر