ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا...

ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئېغىر تىراگېدىيەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا...

2058805
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى. كەسكىن توقۇنۇشلار داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە توققۇز ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، تۆت ئەسكىرىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ شىمالىدىكى 13 دوختۇرخانىنىڭ بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ: «دوختۇرخانىلارنى بوشىتىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش، ئۆلۈم پەرمانى بولىدۇ» دېدى.

باياناتتا، غەززەدىكى دوختۇرخانىلاردا مىڭلارچە بىمار ۋە تەخمىنەن 117 مىڭ سەرگەرداننىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئېغىر يارىلانغان بىر قىسىم غەززەلىكلەر مىسىردا داۋالىنىدۇ.

رەفاھ چېگرا ئېغىزى مېدىيا دېرىكتورى ۋائىل ئەبۇ مۇھسىن، ئېغىر يارىلانغانلارنىڭ 81 ىنىڭ مىسىرغا يۆتكىلىپ داۋالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە يەنە غەززەلىكلەرنىڭ دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلماقتا؛ غەززە رايونىدا تېلېفون ئالاقىسى ۋە تور مۇلازىمىتى يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە لىۋاندىن قويۇپ بېرىلگەن يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەن جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىزبۇللاھ بولسا، 120 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى، توققۇز تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئارقىدىنلا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى غەززە تەرەپنىڭ ھۇجۇملىرىدا 317 ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1400 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 5132 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى دانىيال خاگارى، غەززەدىكى قەسسام بىرىگادىسىنىڭ قولىدا 240 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ بارلىقىنى جەزملەشتۈردى.

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 3542 نەپىرى كىچىك بالا، 2187 نەپىرى ئاياللار بولۇپ، جەمئىي 8525 پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 21 مىڭ 643 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قامال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)تا مەيدانغا كەلگەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 126 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، تەخمىنەن 2 مىڭ پەلەستىنلىك يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر