بايدىن: «دوختۇرخانا ھۇجۇمىنى سىلەر ( ئىسرائىلىيە) ئەمەس، قارشى تەرەپ تەشكىللىگەندەك قىلىدۇ»

جو بايدىن دوختۇرخانىغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەھۋالغا قارىغاندا دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلىشنى سىلەر ( ئىسرائىلىيە) ئەمەس، قارشى تەرەپ تەشكىللىگەندەك قىلىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق دەپ قارىمايدۇ.» دېدى.

2052626
بايدىن: «دوختۇرخانا ھۇجۇمىنى سىلەر ( ئىسرائىلىيە) ئەمەس، قارشى تەرەپ تەشكىللىگەندەك قىلىدۇ»
biden-netanyahu.jpg
biden-israil.jpg

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيەگە يېتىپ بېرىپ،  باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا: «يېنىڭىزدا ئىكەنلىكىمنى  ئىكەنلىكىمنى بىۋاستە كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزۈم كەلدىم» دېدى.

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جو بايدىن غەززەدىكى ئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋغا يېتىپ باردى.

بايدىن بېن گۇرىيون ئايرودرومىدا ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگ ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانىياھۇ تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

بايدىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھاماس تېررورچىلىرى 1300 كىشىنى ئۆلتۈردى. مەن ئۇلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بالىلارنىڭ نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى تەخمىنمۇ قىلالمايمەن. ئامېرىكالىقلار سىز بىلەن ئوخشاش پىكىردە ۋە ئەندىشە قىلماقتا. ئىسرائىلىيە بۇ ھۇجۇملارغا جاۋاب قايتۇردى، مېنىڭچە بۇ داۋاملىشىشى كېرەك ئۆزىڭىزلارنى قوغداشقا لازىملىق ھەممە ئىشنى قىلالىشىڭلار كېرەك. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىمىز» دېدى.

بايدىن دوختۇرخانىغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەھۋالغا قارىغاندا دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلىشنى سىلەر ( ئىسرائىلىيە) ئەمەس، قارشى تەرەپ تەشكىللىگەندەك قىلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق دەپ قارىمايدۇ. ھاماسقا كۈچىمىزنى كۆرسىتىش تولىمۇ مۇھىم. بىز نېمە قىلىدىغانلىقىمىزغا قارايلى! مەن بۇ يەردە بولۇشنى خالىدىم، چۈنكى بىزنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى پۈتۈن دۇنيانىڭ بىلىشىنى خالايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر