يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)تىكى يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىننىڭ نابلۇس شەھىرىدە ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، 11 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.

2049685
يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، نابلۇس شەھىرىنىڭ قۇسرا بازىرىدا پەلەستىنلىكلەر بىلەن يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەنلىكىنى، پەلەستىنلىكلەرگە ھەقىقىي ئوقلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان كۆچمەنلەرنىڭ ئۈچ پەلەستىلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە ياشلىق بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچلار» ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى تەرەپتىن يۈزلەرچە كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر