ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەر غەربىي قىرغاقتىكى ھۇجۇمىدا 28  كىشىنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھۇجۇملىرىدا 28  كىشى ئۆلتۈرۈلدى.

2049940
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەر غەربىي قىرغاقتىكى ھۇجۇمىدا 28  كىشىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ فېيسبۇك بېتىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 28 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ تەخمىنەن 150 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئەتىگەندە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىگە بېسىپ كىردى.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر چوڭ ھەربىي قىسمى جېنىن شەھىرىگە نۇرغۇنلىغان نۇقتىلاردىن بېسىپ كىرگەن.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بېسىپ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغان پەلەستىنلىك ياشلارغا ھەقىقىي ئوق ۋە سۇلياۋ ئوق ئىشلىتىپ جاۋاب قايتۇرغان.

ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك كېيىن قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلانغان.

ئىشغالىيەتچى قىسىملار شەھەردىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ھاماس ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن خالىد ئەل ھاجنى تۇتۇپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر