ئامېرىكا: بىز قاراباغنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلمەكتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاراباغ مەسىلىسىدىكى مۇھىم نۇقتىسىنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2046359
ئامېرىكا: بىز قاراباغنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلمەكتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى، ئەرمېنىيەگە كۆچۈپ كەلگەن قاراباغنىڭ سابىق ئاھالىلىرىنى دەسلەپتە قەدەمدە «11 مىليون دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى» بىلەن تەمىنلىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ بىر ئەترىتىنىڭ ياردەم ئىشلىرىنى تەشكىللىشى  ئۈچۈن رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقان كىربى: «قىسقىسى، بىز ئاساسلىقى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشمەكتىمىز ۋە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئازاب- ئوقۇبەتنى پەسەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل، قاراباغ ئۈچۈن «ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇستەقىل خەلقئارالىق نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى» تەشكىللەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ «قاراباغدا پۇقرالارنىڭ ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىمىغانلىقى، دېھقانچىلىق، چارۋا مال ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى» توغرىسىدىكى يەكۈنىدىن خۇشال بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن مۇئاۋىن باياناتچى: «ب د ت نىڭ سۆزلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، قاراباغدا تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇستەقىل خەلقئارالىق نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەشنىڭ كۈچلۈك بىر ئىستەك ۋە ئېھتىياج ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى»نى قەيت قىلدى.

ب د ت باياناتچىسى ستىفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەزەربەيجاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رايونغا بارغان ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ لاچىن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە خانكەندى شەھىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەرمەن پۇقرالىرىغا زوراۋانلىق قىلىنغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارنى ئۇچراتمىغانلىقىنى ۋە رايوندىكى پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنمىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى دوكلات قىلدى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر