موسكۋا: قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىندى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2045425
موسكۋا: قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاراباغ ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى؛ رايوندا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «نامەلۇم بىر كىشى خانكەندى شەھىرىدىكى رۇسىيە - ئەزەربەيجان بىرلەشمە چارلاش ئەترىتىگە مەرگەن قورالى بىلەن ئوق چىقاردى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى، ئەزەربەيجان تەرەپ ۋە قاراباغدىكى ئەرمەن ئاھالىسى ۋەكىللىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىغا ئىىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر