رۇسىيە بارېنتس ياۋرو- شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقتى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، موسكۋانىڭ بارېنتس ياۋرو- شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋرو- شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىنىڭ 30 يىل بويىچە «شىمالدا» مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغان بىر فورمات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
دانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ۋە ياۋروپا كومىتېتىدىن تەركىب تاپقان ياۋرو - شىمالقي قۇتۇپ كېڭىشىدىتىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ فورماتنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ خاتالىقلىرى سەۋەبىدىن، كېڭەشنىڭ پائالىيىتى 2022- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
فىنلاندىيەنىڭ ئايلىنىش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ياۋرو- شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى رۇسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان باياناتاتتا، «نۆۋەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، بىز رۇسىيەنىڭ ياۋرو- شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرمىز» دېيىلدى.
باياناتتا، رۇسىيەنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىي رايونلارغا ئالاقىدار نىشانلىرىنى داۋاملىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
ياۋرو- شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشى بارېنتس رايونىدىكى دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 1993 – يىلى قۇرۇلغانىدى.