خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى  يوقاپ كەتتى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ يوقاپ كەتتى.

2037377
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى  يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن كېيىن، بۇ قېتىم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇدىن ئۇدا 15 كۈندىن بۇيان ھېچقانداق خەۋەر يوق.

بېيجىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 29-ئاۋغۇست  كۈنى بىر يىغىندا سۆز قىلغان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى  لى شاڭفۇ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلماي، سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر