پەلەستىن ئاق دېڭىز پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنى «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى»نى قوغداشقا چاقىردى

پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىييە ئاق دېڭىز پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوغداشقا چاقىردى.

2034238
پەلەستىن ئاق دېڭىز پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنى «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى»نى قوغداشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىشتىييەنىڭ رامىللاھتىكى ئىشخانىسىدا ئاق دېڭىز پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئاق دېڭىز پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان ئىشتىييە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ چاقىرىقنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ۋە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنىڭ بارلىق پۇرسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئېلان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىشتىييە ئىسرائىلىيەگە ئىمزالىغان كېلىشىملىرىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پەلەستىن زېمىنلىرىدا سايلام ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بىر تەرەپلىمە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى جۇغراپىيەلىك، ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس ئۇرۇشى ئېلان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«پەلەستىن خەلقى خەلقئارالىق قوش ئۆلچەملەرنىڭ قۇربانى» دېگەن ئىشتىييە، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارلىرىغا ۋە باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارشى جازا يۈرگۈزۈلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلىرىنى ئەسلەپ، بۇ سىياسەتلەرنىڭ داۋاملىشىشى ئىرقچىلىق تۈزۈمى ۋە ئىسرائىلىيە قانۇنلىرىغا ئىگە بىردىنبىر دۆلەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاق دېڭىز پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى ئەزالىرى 2005- يىلى ئاق دېڭىز رايونىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ھەر خىل ساھەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش مەقستىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئەزالىرى ئىچىدە تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا نۇرغۇن  دۆلەتلەر شۇنداقلا ماراكەش، مىسىر، ئالجىرىيە، ئىيوردانىيە، لىۋان، لىۋىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەر بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر