پ ك ك / ي پ گ تېرروچىلىرى باب ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان باب ناھىيەسىنىڭ قەبباسىن بازىرىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىپ، تۆت پۇقرانى يارىلاندۇردى.
2033270
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان مۇنبىچنىڭ ئۇرەيمە رايونىدىن قەبباسىن بازىرىغا ئوق چىقىرىپ، تۆت پۇقرانىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرى تۈنۈگۈنمۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەل ئەبياد ناھىيەسىنىڭ سالىھىييە يېزىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئىككى پۇقرانىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
باب ناھىيە مەركىزى 2017 – يىلى فېۋرالدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن خالىيلاشتۇرۇلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.