مېكسىكادىكى توقۇنۇشتا قوراللىق تۆت كىشى ئۆلتۈرۈلدى

مېكسىكانىڭ ئامېرىكا چېگراسىغا يېقىن ماتاموروس شەھىرىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، قوراللىق تۆت كىشى دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2033273
مېكسىكادىكى توقۇنۇشتا قوراللىق تۆت كىشى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تاماۋلىپاس خەۋەرلىشىش ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

توقۇنۇشتا قوراللىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۆت كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئۇلاردىن قورال ۋە سىمسىز ئالاقە ئاپىراتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا تۆت نەپەر دېڭىز ئارمىيەسى خادىمىنڭ توقۇنۇشقا قاتناشقانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى، ئەمما ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ئامېرىكانىڭ ماتاموروستا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باياناتىدا، كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ «شەھەردىكى قوراللىق زوراۋانلىق سەۋەبىدىن» شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 غىچە قوغدىنىش جايلىدىن سىرتقا چىقماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.  

تامالىپاس ۋە ماتاموروس ئۆلكىلىرىدە ئەتكەسچىلەردىن باشقا يەنە،  تەشكىللىك جىنايەت گۇرۇپپىلىرىنىڭمۇ ئىنتايىن ئاكتىپ ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر