ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا  ھاۋايدىكى  «مۆجىزە ئۆي»  زور قىزىقىش قوزغىدى

ئامېرىكانىڭ ھاۋاي ئىشتاتىدا نۇرغۇن بىنالارنىڭ كۆيۈپ پۈتۈنلەي كۈلگە ئايلىنىشغا سەۋەب بولغان ئوت ئاپىتىدە بىردىنبىر ئامان قالغان «مۆجىزە ئۆي» ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

2027516
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا  ھاۋايدىكى  «مۆجىزە ئۆي»  زور قىزىقىش قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ھاۋايدا 9-ئاۋغۇست (2023) تىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىدە 114 كىشى قازا قىلىپ، 2700 دىن ئارتۇق بىنا زىيانغا ئۇچرىدى ياكى  پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.

ماۋۇ ئارىلىدىكى كۈلگە ئايلانغان يېزىلاردىن بىرسى بولغان لاخاينادىكى بىر ئۆي كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. چۈنكى بۇ ئۆي دېڭىز قىرغىقىدا ساق قالغان بىردىنبىر بىناغا ئايلانغان ئىدى.  

ئۆينىڭ خوجايىنى ئەر-ئايال مىلىككىن ئەسلىدە پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسالغان ئۆيىدە بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەرنى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەر-ئايال ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە مېتال ماتېرىيال قوشقانلىقىنى، زىيانداش ھاشارەتلەرگە قارشى ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ئوت-چۆپلەرنى كېسىپ تاشلىغانلىقىنى ھەمدە يەنە ئۆينىڭ ئەتراپىغا تاش ياتقۇزغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەسلەپتە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلمىغان بۇ ئۆزگەرتىشلەر، كېيىن بىنانىڭ ئوتتىن ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

يەرلىك ئاھالىلەر، ئەر-ئايال مىلىككىننىڭ ئۆيىگە «مۆجىزە ئۆي» دەپ نام قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر