شۈكرى بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2027635
شۈكرى بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

 ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تەرەققىيات، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.

ئىككى مىنىستىر سۇدان، لىۋىيە، نىگېر، سۈرىيە كىرىزىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش  ئۈچۈن قۇرۇلغان ئەرەب ئەللىرى مىنىستىرلار ئالاقە كومىتېتىنىڭ پايتەخت قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق يىغىنى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

تەرەپلەر يەنە، رايوندا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئورتاق خىزمەت ئىشلەش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق دائىرىسىدە داۋاملىشىۋاتقان كېڭىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كەلگۈسى باسقۇچتىمۇ داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر