بۇركىنا فاسو بىلەن مالى نىگېرغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتتى

مالى ۋە بۇركىنا فاسو غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى (ECOWAS) نىڭ نىگېرغا ھەربىي ئارىلىشىشىغا قارشى بۇ دۆلەتكە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتتى.

2026619
بۇركىنا فاسو بىلەن مالى نىگېرغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى (RTN) نىڭ خەۋىرىدە، مالى بىلەن بۇركىنا فاسونىڭ نىگېر بىلەن ھەمكارلىشىپ، نىگېرغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«مالى بىلەن بۇركىنا فاسو نىگېرغا قارىتىلغان ھەرقانداق ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۆلىتىمىزگە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئارقىلىق بۇ ئىككى دۆلەت بىرلەشمە باياننامەگە ئاساسەن ۋەدىلىرىنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى.»

خەۋەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدە، مەزكۇر ئايروپىلانلارنىڭ « SuperTucano»  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىدى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرىنىڭ تۈنۈگۈن گانانىڭ پايتەختى ئاكرادا چاقىرىلغان يىغىنىدا، نىگېرغا ھەربىي ئارىلىشىش ۋاقتىنىڭ ئېنىق بېكىتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئەسكەرلەرنىڭ بۇيرۇق كەلگەن ھامان نىگېرغا ھەربىي ئارىلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما بۇ ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەنىدى.

ھەربىي ھاكىمىيەتلەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بۇركىنا فاسو بىلەن مالىمۇ ئىلگىرى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياننامەسىدە، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نىگېردىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ يۆنىلىشىنى ھەربىي ئارىلىشىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش پىلانىغا قارشى نىگېر تەرەپتە تۇرىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

بىرلەشمە باياننامەدە، نىگېرغا قارىتىلغان ھەرقانداق ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ بۇركىنا فاسو ۋە مالىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر