ۋاقىتلىق كارىدوردىن تۇنجى پاراخوت ئۆتتى
ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىن يولغا چىققان «جوسېف شۇلتې» ناملىق خوڭكوڭ بايرىقى ئېسىلغان كونتېينېر قاچىلانغان پاراخوت «ئىستانبۇل بوغۇزى» غا يېتىپ كەلدى.
2026159

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىن يولغا چىققان ۋە خوڭكوڭ بايرىقى ئېسىلغان كونتېينېرلار قاچىلانغان پاراخوت، بۈگۈن (18-ئاۋغۇست) ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06:00 ئەتراپىدا قارادېڭىز تەۋەلىكىدىن «ئىستانبۇل بوغۇزى» غا كىردى.
ئىگىلىنىشچە ، مەزكۇر پاراخوت ئامبارلى پورتىدا لەڭگەر تاشلايدىكەن.