نورۋېگىيەدىكى پولات تۆمۈر يول كۆۋرۈكى شىددەتلىك يامغۇردا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

نورۋېگىيەنىڭ لاگېن دەرياسى ئۈستىدىكى پولات تۆمۈر يول كۆۋرۈكى شىددەت يامغۇر سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

2024747
نورۋېگىيەدىكى پولات تۆمۈر يول كۆۋرۈكى شىددەتلىك يامغۇردا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيەنىڭ تۆمۈر يول ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەسئۇل ئورگىنى <BaneNOR> نىڭ باياناتىدا، لاگېن دەرياسى ئۈستىدىكى پولات تۆمۈر كۆۋرۈكنىڭ شىددەتلىك يامغۇر بىلەن سۇ سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1957-يىلى ياسالغان كۆۋرۈكنىڭ قانچىلىك زىييانغا ئۇچرىغانلىقى  تەكشۈرۈلمەكتە.

نورۋېگىيەنىڭ تۆمۈر يول ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەسئۇل ئورگىنى <BaneNOR> نىڭ ئەمەلدارى ئېۋىند بجۇرستروم ھېچقانداق جانلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇزۇنلۇقى 172.5 مېتىر كېلىدىغان كۆۋرۈكنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەۋىپىگە قارشى بىر ھەپتە ئىلگىرىلا ئىشلىتىلىشتىىن توختىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر