غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى: نىگېردىكى ۋەزىيەتنى تىنچىتىش پىلانىمىز تەييار

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى (ECOWAS) نىگېردىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنى باستۇرۇش پىلانىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2020585
غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى: نىگېردىكى ۋەزىيەتنى تىنچىتىش پىلانىمىز تەييار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە پايتەختى ئەبۇجادا ئۆتكۈزۈلگەن غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن، ئورتاق گەۋدىنىڭ سىياسىي، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى كومىسسارى ئابدۇلفاتاۋ مۇسا باش ئىشتاب باشلىقلىرىنىڭ نىگېردا ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەربىي ھەرىكەت پىلانىنى تاماملىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ رامكىسىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى ۋە بارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قاچان ۋە قەيەردىن باشلىنىدىغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى 30 - ئىيۇل ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەربىي ھاكىمىيەتكە پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇمنى قويۇپ بېرىشى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپە ئورنىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن، بىر ھەپتە مۆھلەت بەرگەن، تەلەپ ئورۇندالمىغان تەقدىردە، ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تاللاشلارنىڭ ئويلىشىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ھەربىي ئارىلىشىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى بايانات غەربىي ئافرىقادىكى باشقا ھەربىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

ھۆكۈمەتلىرى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان بۇركىنا فاسو بىلەن مالى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنى ئاگاھلاندۇرغان، گىنە ھۆكۈمىتىمۇ نىگېردىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

سېنېگال، پىل چىشى قىرغىقى، بېنىن ۋە نىگېرىيەمۇ ئۆزلىرى ئەزاسى بولغان غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر