جەنۇبىي كورېيەدە ھاۋانىڭ قاتتىق ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن 17 كىشى قازا قىلدى

جەنۇبىي كورېيەدە ھەپتە ئاخىرىدا داۋاملاشقان ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن 17 كىشى قازا قىلدى.

2018644
جەنۇبىي كورېيەدە ھاۋانىڭ قاتتىق ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن 17 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۇبىي كورېيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەملىكەت مىقياسىدا پەسىل خاراكتېرلىك ئىسسىقلىق نورمالدىن ئېشىپ، تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققان ۋە خەلق تۇرمۇشىغا سەلەبىي تەسىر كۆرسەتكەن.

ھەپتە ئاخىرىدا جەنۇبىي كورېيەگە تەسىر كۆرسەتكەن پەۋقۇلئاددە ئىسسىق ھاۋا سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا 17 كىشىگە يەتكەن. ئەڭ كۆپ قازا قىلىش ۋەقەسىنىڭ يەتتە كىشى بىلەن شىمالىي گيوڭساڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئالاقىدار تارماقلار 73 كىشىنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىنىڭ تەسىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە مەملىكەت مىقياسىدا ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ 35 گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر