ئوستۇن: ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا قارشى كۈرىشىنى قوللايمىز

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ «مۇشتۇمزورلارچە پوزىتسىيەسى»گە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2017620
ئوستۇن: ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا قارشى كۈرىشىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن بىرلىكتە بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاۋىستىرالىيەگە بارغان مىنىستىر ئوستىن، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس بىلەن كۆرۈشتى.

ئوستىن مارلېس بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «خىتاينىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىن تارتىپ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغىچە، ھەتتا غەربى جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغىچە بولغان رايوندا بىئارام قىلغۇچى بېسىمى»نىڭ بارلىقى، ۋاشىنگتوننىڭ ئۆزىنى خىتايدىن قوغدىغان ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇن – قائىدىلەردىن يىراقلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئانتونى بلىنكېن بىلەن لويد ئوستىن بىرىسبان شەھىرىدە يادرو ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىشلەيدىغان بىر سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى ئىككى تەرەپ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلماقتا.

ئاۋسترالىيە 2021- يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن يادرو سۇ ئاستى تېخنىكىسى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلغان ئائۇكۇس (AUKUS) كېلىشىمىنى ئىمزالىغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى ئادېلايدتىكى پاراخوت زاۋۇتىدا كەم دېگەندە سەككىز دانە يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ياسىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر