شويگۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلىدۇ

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلىدۇ.

2015910
شويگۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سېرگېي شويگۇنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئئەتنىڭ شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، شىمالىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مىنىستىر سېرگېي شويگۇ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ 25-27-ئىيۇل كۈنلىرى شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، رۇسىيە ھەيئىتىنىڭ شىمالىي كورېيە خەلقىنىڭ 1950-يىلدىن 1953-يىلغىچە داۋاملاشقان ئازادلىق ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«مەزكۇر زىيارەت رۇسىيە-شىمالىي كورېيە ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچلىنىشىگە پايدىلىق. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر