ب د ت: ئۇرۇش رايونىدىكى پاراخوتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) رۇسىيە قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئۇرۇش رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان پاراخوتلارغا بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2013662
ب د ت: ئۇرۇش رايونىدىكى پاراخوتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ئىستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ۋە ئوغۇتىنى دۇنيا بازىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «يېمەكلىك مەسىلىسى باش كاتىپىغا نىسبەتەن سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە» دېدى.

دۇجاررىك ئاشلىق ئېكسپۇرتى مەسىلىسى توغرىسىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، رۇسىيەنىڭ پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە قارىتا: «بۇ بىر ئۇرۇش رايونى، ھېچكىم باش كاتىپتىن بىخەتەرلىك كاپالىتى تەلەپ قىلالمايدۇ» دېدى.

دۇجاررىك بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىر – مەسلىھەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ نىشانى ۋە رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە بولغان ساداقىتىمىز داۋام قىلماقتا» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ كېلىشىم دائىرىسىدىكى تەلىپى توغرىسىدا بولسا، گۇتېررېسنىڭ ھازىرغىچە زۆرۈر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ بانكا قائىدىلىرى ياكى سۇغۇرتا بازىرى قاتارلىق ئوخشىمىغان مەسىلىلەرنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز باشقىلارنىڭ ئىشىكىنى چېكىش ۋە بىز شۇنداق قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر