گىرېتسىيەنىڭ كېمە قازاسىدىن ئامان قالغانلاردىن «سۈكۈت قىلىش»نى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرىنىڭ كېمە قازاسىدىن ئامان قالغانلاردىن «سۈكۈت قىلىش»نى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2011282
گىرېتسىيەنىڭ كېمە قازاسىدىن ئامان قالغانلاردىن «سۈكۈت قىلىش»نى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرىنىڭ گىرېتسىيەنىڭ مورا يېرىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن كۆچمەنلەر پاجىىئەسىدىن ئامان قالغانلارغا «دائىرىلەرنىڭ ئاپەتتىكى رولى ھەققىدە سۆز قىلماسلىق»نى ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

BBC نىڭ خەۋىرىدە، ھايات قالغۇچىلارنىڭ كېمىنىڭ گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى خادىملىرى سۆرەپ ئېلىپ مېڭىشقا تىرىشىۋاتقان ئەسنادا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ ھايات قالغانلارغا «سۈكۈت قىلىش»نى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ كۆچمەنلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، پاراخوتتىكى مىسىرلىق توققۇز كىشىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرىس سۈرۈلدى.

كالاماتا تەپتىشى ۋە سوراق سوتچىسى، 20 - ئىيۇندىكى كېمە قازاسىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، كۆچمەن ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان توققۇز مىسىرلىقنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.

14 – ئىيۇن (2023) گىرېتسىيەنىڭ مورا يېرىم ئارىلىدىكى ناۋارىنونىڭ 47 دېڭىز مىلى يىراقلىقىدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە، تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر بېلىقچى كېمىسى غەرق بولۇپ كېتىپ، 82 ئادەم قازا قىلغان، 104 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، كالاماتا پورتىغا ئېلىپ بېرىلغانىدى.

ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى «ئالارم فۇن (سىگنال تېلېفونى)»  ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاغا يولۇققان كېمىدە تەخمىنەن 700 ئادەم بار ئىكەن.

گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، قازانىڭ گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بىپەرۋالىقى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

گىرېتسىيەنىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەسى — رادىكال سولچىلار ئىتتىپاقى رەھبىرى ئالېكىس چىپراس ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن، ئامان قالغان كۆچمەنلەر يۆتكەلگەن كالاماتا پورتىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇ يەردە بايانات بېرىپ، كۆچمەنلەرنىڭ ئۇنىڭغا گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ پاراخوتنى ئىتالىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كېتىشكە قىستىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر